خىتايغا سېتىۋېتىلگەن پاكىستانلىق ئاياللار ئېغىر خورلاشقا دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم ئادەم بېدىكلىرى پاكىستاننىڭ نامرات رايونلىرىدا يەرلىك قىز-چوكانلارنى خىتايدىكى «بايلارغا خوتۇن بولۇش» قا قىزىقتۇرماقتا ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاياللار ئاساسىي جەھەتتىن خىرىستىيان دىنىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەمدىلا 15-16 ياشقا كىرگەن گۆدەك قىزلار ئىكەن.

ئەنە شۇ خىل ئاياللارنىڭ بىرى بولغان سەمىيە داۋۇت ئىككى ئاي ئىلگىرى بىر خىتايغا خوتۇنلۇققا سېتىلغان. بېجىرىم ۋە ساغلام بولغان سەمىيە بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى چاقلىق ئورۇندۇقتا پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن، شۇنىڭدەك ئاچلىق، تاياق ۋە باشقا خورلاشلاردىن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ھەمدە «نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىماڭلار» دەپ تۇرۇۋالغان. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۇ شۇ تەرىقىدە جان ئۈزگەن.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا بۇ خىلدىكى ئاياللار خىتايدا ئايرىم ئۆيگە سولاپ قويۇش، جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش، پاھىشىخانىلارغا سېتىلىش، ئاچ قويۇپ قىيناش دېگەندەك كۆپ خىل خورلۇققا دۇچار بولىدىكەن. سەمىيەنىڭ نەۋرە ئاكىسى بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ «بىز بەك نامرات بولغاچقا ئاشۇ كىشىلەر قىزلىرىنى خىتايلارغا بېرىش ئارقىلىق ئاز-تولا پۇلغا ئېرىشىدۇ. ئەمما بۇ قىزلارنىڭ خىتايدا قانداق تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئادەم بېدىكلىرى تونۇشتۇرغان ئاتالمىش «خىتاي باي» لىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلاردىكى خوتۇن ئالالماي يۈرگەن نامرات دېھقانلار بولۇپ، ئاشۇ خىلدىكى ئاياللاردىن بىرى مۇخبىرغا «ئېرىمنىڭ يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېزىنىڭ چېتىدىكى ئۆمۈچۈك تورى قاپلىغان بىر كەپە ئىكەنلىكىنى بىلدىم،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت