پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە «كۆز يۇمۇش» بىلەن ئەيىپلەنمەكتە.

ئىمران خان يېقىندا قاتاردىكى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، پاكىستان تېخى يېقىندىلا ئىسلام ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەتنىڭ ب د ت غا تاپشۇرغان مەكتۇبىغا ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 14‏-سېنتەبىر كۈنى تارتقان زىيارەت پروگراممىسىدا، ئىمران خان مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھېچ مۇزاكىرە قىلىپ باققان ياكى باقمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقى، بېيجىڭنىڭ ئىسلامئابادنىڭ «ئەڭ ياخشى دوستى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «ياق، مەن ئۇنداق قىلىپ باقمىدىم. ھازىر بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىچكى مەسىلىمىز بار. شۇڭا، بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيمەن» دېگەن. ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە ھەققىدە ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئالىغا: «ھازىرقى مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم پاكىستان خەلقى. شۇڭا، مېنىڭ 1‏-نومۇرلۇق ۋەزىپەم مېنىڭ ئۆز دۆلىتىمگە ياردەم قىلىشتۇر» دېگەن.

بۇ پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى تۇنجى قېتىم بىلدۈرۈشى ئەمەس. ئۇ بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستاندىكى «ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمران خاننىڭ سۆزى پاكىستاندىكى بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. پاكىستانلىق ژۇرنالىست تاھا سىدىقى تۋېتتىردا ئىمران خاننىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ كەشمىردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت