پاكىستان باش مىنىستېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئالىم
2020-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستاننىڭ باش مىنىستېرى ئىمران خان گەرچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىمرانخان 23-يانۋار كۈنى «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتىدامۇخبىر ئۇنىڭدىن: «سىز دۇنيانىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر مەسىلىسىدە تۇتقان ئىنكاسىغا قارشى تەنقىدىي پىكىردە بولدىڭىز. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە خىتاينى تەنقىدلىمىدىڭىز. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟» دەپ سورىغان. 

ئىمران خان بۇنىڭغا جاۋابەن: «سىز قوشنىمىز ھىندىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆلىمىنى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاتالمىش ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. سىز كۆلىمىگىلا قاراپ بېقىڭ. 8 مىليون كەشمىر خەلقى 5 ئايدىن بېرى ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە› دە ياشاپ كەلدى،» دېگەن. 

ئىمران خان سوزىدە يەنە «بۇنىڭ ئىككىنجى سەۋەبى خىتاي پاكىستاننىڭ يېقىن دوستى. بىز ئەڭ مۈشكۈل بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغاندا، يەنى بىزگە ئىقتىسادىي كرىزىس مىراس قالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ياردەم قولىنى سۇندى. شۇڭا بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مەسىلىلەرنى يېپىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىمىز. بىز مەسىلىلەرنى خىتاي بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا شەكىلدە سۆزلەشمەيمىز، چۈنكى ئۇلار بەك تۇيغۇن ۋە سەزگۈر كېلىدۇ. بىز مەسىلىلەرنى مۇشۇ شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىمىز،» دېگەن.

ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىمران خان بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالملاستىن، بەلكى يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ قوش بىسلىق مەيداندا تۇرۇشتەك نۇمۇسسىزلارچە پوزىتسىيەسىنىمۇ نامايەن قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت