باڭكوكتىكى پارتلاشنىڭ ئەسلى ھۇجۇم نىشانى خىتاي ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تايلاند ساقچى ئىدارىسى بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى كولونېل كامتورن بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئالدىنقى يىلى باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسى گۇماندارلىرىنىڭ ئەسلى ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن پارتلاش قۇۋۋىتى 10 بومبىغا توغرا كېلىدىغان خىمىيىلىك ماددا يىغقانلىقىنى، پارتلاتقۇچلارنىڭ بىرىنىڭ ئېراۋان بۇتخانىسى ئەتراپىغا يەرلەشتۈرۈلۈپ ئوڭۇشلۇق پارتلىتىلغانلىقىنى، ئەمما باڭكوكتىكى ئاۋات جاي ھېسابلىنىدىغان چاۋ فرايا دەرياسى بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىنىڭ پارتلىماي قالغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا چىقىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار باياناتچى خۇا چۈنيىڭدىن يۇقىرىدىكى ئېھتىمالغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا «بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتچىلەرگە تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۆتكەن يىلى 17-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن شۇ قېتىملىق پارتلاشتا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، دىپلوماتلار ۋە ھەتتا تايلاندلىق ئەمەلدارلار بۇ پارتلاش تايلاند خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان، دەپ قارايدىكەن.

تايلاندتىكى پارتلاشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان بىلال مۇھەممەد بىلەن مىرئەلى يۈسۈف ئۈستىدىن 16-فېۋرال كۈنى تايلاند ھەربىي سوتىدا سوت ئېچىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت