مايكىل رۇبىن: «پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆز يۇمۇشى ئەمەلىيەتتە دۆلەت مەنپەئەتىنى سېتىۋەتكەنلىكتۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار «21-ئەسىردىكى ئەڭ زور زۇلۇم» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقاندا قوشنا ئەل پاكىستاننىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋېلىشى ئىزچىل خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «مۇئەسسەسە ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل رۇبىن 15-مارت كۈنى «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ قىلمىشنىڭ ئەمەلىيەتتە پاكىستاننىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ زور بىر ئاپەتتىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتمۈشتە پاكىستان ئىزچىل تۈردە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زۇلۇم ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتا باشلامچى بولۇپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتلاردا پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ئىسرائىلىيەنىڭ باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەندە، ھەتتا يېقىنقى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىدا بىردەك قاتتىق ئىپادە بىلدۈرگەن پاكىستان مىليونلارچە ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغاندا سۈكۈتنى تاللىغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوللىغان.

ئەمدىلىكتە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ھالقىپ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن گىلگىت-بالتىستان رايونلىرىنى «ئاچا-سىڭىل رايونلار» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزى بولغان بىر رايوندا ئىسلام ۋەھىمىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىكىگە باش قويغانلىقتىن ھېچ پەرقى يوق ئىكەن.

دۇنيانى تاجسىمان ۋىرۇسى قاپلاپ كېتىۋاتقاندا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان زور ساندىكى پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ خىل قۇلچىلىقنىڭ دەردىنى تارتماقتا ئىكەن. ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن قالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كېسەلمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇدەك چولىسى يوق ئىكەن.

پاكىستاننىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە رەقىبى بولغان ھىندىستانمۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈپ چىقىۋاتقاندا ئىمران خان باشچىلىقىدىكى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ساقلىق ۋە سەھىيە خىزمىتىدە كۆپ خىل قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئىمران خان پاكىستاندىكى چىرىكلىك ۋە تەرتىپسىزلىك سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەھىيە خىزمىتىدە ئېغىر چېكىنىش مەۋجۇتلۇقىنى ياخشى بىلگەچكە خىتايدا ئاللىقاچان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا پۇقرالارنى پاكىستانغا قايتۇرۇپ كېلىشتىن ھەمدە ۋىرۇسنىڭ پاكىستاندا يامراپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستاندىكى ئامېرىكاغا قارشى كەيپىيات پۈتكۈل دۆلەتنىڭ خىتايغا يېقىنچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن. پاكىستان مۇشۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى «خان تاجى» بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما ھازىرقى رېئاللىق پاكىستاننىڭ بارغانسېرى ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، خىتاينىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

مايكىل رۇبىن پاكىستاننىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغىمۇ ئىگە چىقالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنى «بىز دېگەن مۇشۇ رايوندىكى ئاساسلىق كۈچلەرنىڭ بىرى» دەپ قاراپ كەلگەن پاكىستاننىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ بېقىندىسى ئورنىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى «دۆلەت مەنپەئەتىنى خاراب قىلغانلىق،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت