خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باھا بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستاندىكى «كۈندىلىك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لودى 28-ئاپرېل كۈنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا «خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى تارىخىي، ئىستراتېگىيەلىك ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن خالى رەۋىشتە، شۇنداقلا پاكىستان تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇش سۈپىتىدە داۋام قىلماقتا» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لودى سۆزىدە «ئىقتىسادىي گۈللىنىش ھەمدە پاكىستان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى تېررورلۇق ۋە زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھازىرقى پاكىستان ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىلەر» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مىسال تەرىقىسىدە ئۇيغۇرلار رايونى بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «پاكىستان -خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورى» نى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ رايونلار-ئارا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل يۈكسىلىۋاتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، پاكىستاننىڭ خىتايدىن ئەڭ كۆپ قورال سېتىۋالغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىنى تىنچىتىش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى «ھەسەلدىنمۇ شېرىن» ۋە «پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم» دەپ تەسۋىرلىمەكتە ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب دېڭىزى بويىدىن باشلىنىپ ھىمالايا تېغى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىغا تۇتىشىدىغان 1800 مىل (تەخمىنەن 3000 كىلومېتىر) ئۇزۇنلۇقتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي يەنە پاكىستاندىن قەشقەرگە تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار بىردەك، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە دوستلۇققا ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلمەكتە، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت