خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ياردىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەسخىرىگە قالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق بىر كونسۇلخانىسى يېقىندا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا كىچىك قەغەز يەشىكلەردە ئۇن، گۈرۈچ، ياغ قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتقان. لېكىن تارقاتقان ياردەم بۇيۇمىنىڭ مىقدارى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەسخىرىگە ئۇچراپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك» ياردىمىنى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن. پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر خان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كونسۇلخانىسى مەزكۇر ياردەم بۇيۇملىرىنى پاكىستاندىكى 400 دىن ئارتۇق يەرلىك ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا تارقاتقان.

ئۆمەر خان سېرىق قەغەز يەشىكتىكى بۇيۇملارنى ۋىدېيوغا ئېلىپ، 4-ماي كۈنى فەيسبۇك تورىدا ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كونسۇلخانىسى ھەر بىر ئائىلىگە 800 گرام ياغ، 3 كىلو ئۇن، يېرىم كىلو شېكەر، بىر كىلو گۈرۈچ تارقاتقان. ئۆمەر خان ۋىدېيودا خىتاينىڭ ياردىمىگە باھا بېرىپ، «پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاچ قالدى، دەپ جىددىي ياردەم قىلىپ كېتىپتۇ. رەھمەت، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىغا، لېكىن ئۇنىڭ گۈرۈچىنى پاكىستاندا توخۇمۇ يېمەيدۇ» دېگەن.

بۇ، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇنجى قېتىم بۇ خىل ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىشى ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قولىغا خىتاي بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان خادىملارنىڭ مىڭلىغان پاكىستانلىقنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ھەر بىر كىشىگە بىر قاچىدىن گۈرۈچ تارقىتىۋاتقانلىق سىن كۆرۈنۈشى تارقالغانىدى. مەزكۇر ۋىدېيو خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقىلىشىغا يول قويۇپ، ئارقىدىن بۇ دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش نامىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت