خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئىقتىسادىي مۈشكۈلاتتا قالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2015-يىلىدىن بۇيان خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە، بولۇپمۇ پاكىستاندىكى ئاخبارات ساھەسىدە ئاساسىي تېمىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ داغدۇغىلىرى نۆۋەتتە بارغانسېرى خىرەلىشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن. پاكىستانلىق سىياسىي ئانالىزچى مۇھەممەد ئەكبەرنىڭ «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 7-ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى ئەنە شۇنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىرلەرگە زېھىن قويۇشقا باشلىغان. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا بەكرەك تايىنىشقا مەجبۇر بولغاچقا، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كۈچىيىشكە باشلىغان. ئەمما ئامېرىكا ۋە خىتاي بىردەك پاكىستان ئۈچۈن زۆرۈر شېرىكلەر بولغاچقا پاكىستان بۇ ئىككىسى بىلەن قانداق قىلىپ تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» غا چېتىشلىق چىرىكلىك ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن خىتاي مەزكۇر قۇرۇلۇشقا ئاجرىتىۋاتقان مەبلەغنى ئازايتقان. يەنە كېلىپ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى ئىزچىل پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى قەرز بەرگەن پۇل ئارقىلىق خىتايغا قەرز تۆلەشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتىدا بارغانسېرى روشەن بولغان چېكىنىش مەنزىرىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا بۇ قۇرۇلۇشنى يېرىم توختاش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. ۋىلسون مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مايكىل كۇگېلمان بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «پاكىستان ھۆكۈمىتى يەنە بىر ياقتىن مۇشۇ قۇرۇلۇشنى دەپ بۇنچە زور قەرزگە بوغۇلۇش مەسىلىسىدە ئىزچىل ئىككىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىمران خاننىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ «يېرىم جان» ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» غا قايتىدىن جان كىرگۈزۈش بولىدىكەن. چۈنكى خىتاي ھازىر پاكىستانغا قەرز پۇلنى بىراقلا بېرىشنىڭ ئورنىغا ھازىر «ئاۋۋال ئىش باشلاش، ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ قەرز بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللانماقتىكەن. پاكىستاننىڭ قۇرۇلۇشنى داۋام قىلغۇدەك مەبلىغى بولمىغاچقا ھازىر بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي توختاش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى بولسا ئەمدى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت