پاكىستاندا يەنە پارتلاشتا كۆپ ئادەم ئۆلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان بومبا پارتلاش شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 33 نەپەرگە يەتكەن ، يارىدارلار 70 نەپەردىن ئاشقان.

بەزى ئۇچۇرلاردا مەزكۇر تىزگىنەك ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان پارتلاش شەھەر مەركىزىدىكى بىر ساقچىخانىغا يېقىن جايدا يۈزبەرگەن بولۇپ، تېخى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ ئىشنى ئۆز زىممىسىگە ئالمىغان.

بىر ھەپتە ئىلگىرى پىشاۋۇر شەھەر مەركىزىدىكى بىر چېركاۋدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 80 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان ھەمدە 120 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

بۇ يەكشەنبە كۈنىدىكى پارتلاش دەل ئەشۇ چېركاۋغا يېقىن جايدا بولغان

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت