نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل پارىخور كومپارتىيە سېكرېتارى يېنىكلىتىپ جازالاشقا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر نەپەر نازىر دەرىجىلىك كومپارتىيە سېكرېتارى پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «قانۇنچىلىق» تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق پارتىيە گۇرۇپپا سېكرېتارى جاۋ گومىن يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 5 مىليون 393 مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇلنى خىيانەت قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 700 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلغان. ئەمما بۇ، سوتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن يېنىكلىتىلگەن جازاسىدۇر.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، جاۋ گومىن ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرگە نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پۇللارنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئېلىش، يەر ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش تونۇشتۇرۇش، خىزمەت يۆتكەش ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق 5 مىليون393 مىڭ سوم قىممىتىدە بايلىققا ئېرىشكەن. ۋەھالەنكى، سوت مەھكىمىسى جاۋ گومىننىڭ جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئىقرار قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ماسلىشىپ پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ھەم ئېرىشكەن مال-مۈلۈك ۋە پۇللارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بەرگەن.

جاۋ گومىن 2004-يىلىدىن كېيىن، سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، بۇ خىزمەتنى تاكى 2015-يىلى، تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغۇچە ئاتقۇرغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن بۇيان باشقا ئۆلكىلەردىكىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر قىسىم نازىر، مۇئاۋىن نازىر، باشقارما، بۆلۈم ۋە يېزا، كەنت باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار چىرىكلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن جازالانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىنمۇ بار.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، جازالانغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ جازالىنىشىدا ئۇلاردىكى مىللىي تۇيغۇ ۋە سىياسىي مەۋقە ئاساس سەۋەب بولغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت