ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە بىر قىسىم ئەمەلدارلار پارىخورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ سابىق باشلىقى يىن باۋلۇڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 9 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن يىن باۋلۇڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى پارىخورلۇققا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان. بۇ يىل 8-ئايدا ۋە ئاخىرقى قېتىم 14-ئۆكتەبىر كۈنىدە ئېچىلغان سوتلاردا ئۇنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز مال-دۇنيا يىغقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ قوبۇل قىلغان مال-مۈلكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون 480 مىڭ سوم خەلق پۇلى ۋە 20 مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىڭتۇەننىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى ئوغلىنىڭ تويىدا ھەشەمەتچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىزام جازاسى ئالغان. جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەمەلدار بىڭتۇەنگە قاراشلىق 87-پولك پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن پولك باشلىقى خې شيا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەشەمەتچىلىكى جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار ئىنكاس پەيدا قىلغان. خەۋەردە يەنە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەتتە تەسىرى ياخشى بولمىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى يېزىلغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىندا مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى باشلىغاندىن بۇيان نۇرغۇن خىتاي ئەمەلدارلىرى جازالاندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت