خىتاي ئەنگلىيەدىن 50 نەپەر پارىخور ئەمەلدارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئەنگلىيەدىن ئەنگلىيەدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 50 نەپەر پارىخور ئەمەلدارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە 50 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ئىلگىرى خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغىمۇ خىتايدا پارىخورلوق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 150 نەپەر سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 8-يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر خىتايدا باشلانغان «پارىخور ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، 2014-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 680 گە يەتكەن. ئۇلاردىن 390 نەپىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كەلگەن، 290 نەپىرى خەلقئارا ساقچىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. خىتاي خەۋىرىدە يەنە، بۇ ئەمەلدارلاردىن 117 نەپىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە قېچىپ يۈرگەندىن كېيىن تۇتۇپ كېلىنگەن پارىخور ئەمەلدارلار ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت