ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جىڭخۇا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى پېڭ جىڭخۇا ئۈستىدىن مەخسۇس دېلو تۇرغۇزغان ۋە ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللانغان.

خەۋەردە، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ پارىخورلۇق دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. پېڭ جىڭخۇا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پېڭ جىڭخۇانىڭ تەكشۈرۈلۈشى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قوزغىغان خىيانەتچىلىك‏- پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى كومپارتىيە سىياسىتى بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. جوۋ يوڭكوڭ ئىلگىرى تارىم نېفىتلىكىدە مەسئۇللۇق ۋەزىپىسى ئاتقۇرغان.

بىراق كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي مۇقىملىقنى نەزەردە تۇتۇپ، رايوندىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق مەسىلىسىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بەزىدە رايوندىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا چېتىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا كۆز يۇمىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت