دائىرىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا چىققانلارنى يىغىۋېلىپ پارتىيە نىزامىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن 1-ئىيۇلدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەش نامىدا، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى كۆپەيتكەن. خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خوتەن ناھىيىسىدە ئىلگىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان مويسىپىتلارمۇ رامىزان مەزگىلىدە يىغىۋېلىنىپ «خىتاي كومپارتىيەسى نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرى» غا قاتناشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل بەلگىلىمە ۋە باھانىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرىگە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپ قىلمىش دەپ تەنقىدلەپ، «بىز دائىرىلەرنىڭ بۇ يىلقى رامىزان مەزگىلىدىمۇ ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇش-بەلگىلىمىلەرنى چىقارغاندىن باشقا، ياشانغان مەزگىلىدە ئائىلىسىدە ئۆزىنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مويسىپىتلارنىڭمۇ دىنىي پائالىيەتلىرىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، چاي سۆھبىتى، سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆپەيتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئالدۇق. بۇ ئەھۋاللار خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىدىكى ‹پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار› دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىسىگىمۇ خىلاپ قىلمىش، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئەھۋاللارغا جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت