ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ شەخسىي پاسپورتلىرىنى تىزىملاپ، يىغىۋېلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

بۈگۈن شىنخۇا تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن كېيىن « ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ شەخسىي پاسپورتلىرىنى باشقۇرۇش تەكلىپى» ناملىق ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى دۆلەت كادىرلىرى ۋە ھەتتا پېنسىيىگە چىققان دۆلەت كادىرلىرىنىڭ شەخسىي پاسپورتلىرى بىردەك ھەرقايسى تەشكىلات ۋە كادىرلار بۆلۈملىرى تەرىپىدىن يىغىپ ساقلىنىدىكەن.

مەزكۇر بەلگىلىمە بويىچە، پاسپورتىنى بۇ ئورۇنغا تىزىملاتمىغان ياكى تاپشۇرۇپ بەرمىگەن دۆلەت كادىرلىرىغا بارلىق ئالاقىدار ئورگان ۋە مەسئۇل خادىملار خىزمەت ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت بەلگىلىمىدە يەنە، شەھەرلىك تەشكىلات بۆلۈمى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ھەرقايسى رايون ۋە ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلاردىكى كادىرلار، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار بولۇپمۇ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ يىغىپ ساقلىنىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەسلىدىلا پاسپورت ئىشلىتىشى ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىكى پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان ۋە ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەشنى بىر مەزگىل توختاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت