بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 400 مىڭ ئىشلەمچى ئۇيغۇر رايونىغا پاختا ئۆزۈشكە كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل سېنتەبىردىن نويابىرغا قەدەر بولغان يېقىنقى 2 ئايدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا پاختا ئۈزۈشكە 400 مىڭ ئىشلەمچى كەلگەن. «جۇڭگو گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشلەمچىلەر خىتاينىڭ خېنەن، سىچۈەن، گەنسۇ، خېيلوڭجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن كەلگەن.

ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختىزارلىقلار ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە زور كۆلەملىك ئەمگەك كۈچىگە ھاجىتى چۈشسىمۇ، ئەمما بۇنداق زور كۆلەملىك ئىشلەمچىلەر قوشۇنىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەزكۇر رايونغا ئېقىپ كىرىشى، ئۇنىڭ قاتناش، جەمئىيەت ئامانلىقى، مۇلازىمەت ئىشلىرىغا زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاختىنى قولدا ئۈزۈشنىڭ زور ئەمگەك كۈچى، ۋاقىت، تېخىمۇ كۆپ پول تەلەپ قىلىشى پاختىكارلارنى بۇنىڭغا ئامال تېپىشقا زورلاپ كەلگەن ئىدى. «جۇڭگو گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ھازىر پاختىنى ماشىنىدا ئۈزۈشنىڭ پىلانىنى قۇرغان.

مەزكۇر پىلان بويىچە كەلگۈسى 5 يىلدىن 15 يىلغىچە ماشىنىدا ئۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئەمما بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، پاختىزارلىقلارنىڭ ماشىنىلىشىشى پاختىنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرۈپ، بىڭتۇەنگە ئوخشاش چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىشىغا يارىسىمۇ، ئەمما ماشىنىلىشىشقا كۈچى يەتمەيدىغان كىچىك كۆلەملىك يەرلىك پاختىكارلارنى ۋەيران قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. ئۇ 2015‏-يىلى 6.5 مىليون توننا پاختا ئىشلەپچىقارغان. «جۇڭگو گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ 2015‏-يىلى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 5.62 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت