مۇزىكانت پەرھات خالىق گوللاندىيە «شاھزادە كرائۇس مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە ناخشىچى پەرھات خالىق گوللاندىيە خان جەمەتى تەسىس قىلغان 2015‏-يىللىق «شاھزادە كرائۇس مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2‏-دېكابىر ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر مۇكاپات بۇ يىل ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مۇزىكا، رەسساملىق، ئاخبارات، فوتوگراف، كىنوچىلىق، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى 10 كىشىگە بېرىلگەن. پەرھات خالىق مۇكاپات ئالغان شۇ 10 كىشىنىڭ بىرى.

«شاھزادە كرائۇس مۇكاپاتى» كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «پەرھات خالىقنىڭ مۇزىكىلىرىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مۇزىكىسى بىلەن روك مۇزىكىسى ۋە بلۇز مۇزىكا ئۇسلۇبى بىرلەشكەن. ئۇنىڭ ناخشا تېكىستلىرىدىكى لىرىكا كۈچلۈك شەخسى ۋە يەرلىك پۇراققا ئىگە.» ئۇ شۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇ يىللىق مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.

«شاھزادە كرائۇس مۇكاپاتى» كومىتېتى بۇ يىل 5‏-ئايدا يوللىغان تەۋسىيەنامىسىدە يەنە، پەرھات خالىقنىڭ ئاۋازىدىكى راستچىللىق «چوڭقۇر ئىنسانى قىممەت ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ» دېگەن.

پەرھات خالىق 1982‏-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رەسىم فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇزىكىدىكى تالانتى ناھايىتى تېزلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ، بۇ يىل 8-ئايدا «خىتايدىكى ئاۋاز» ناملىق مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ زور داغدۇغا قوزغىغان. ئۇ 2-لىككە ئېرىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تالانتى كىشىلەرنى قايىل قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت