ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوباماغا خەت يېزىپ، ئاياللارنى تۇغماسلىققا، ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

كرىستوفىر سىمىس بىلەن ماركو رۇبىئو خېتىدە، ئوباما ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا ئالاقىدار مەۋجۇت قانۇنلارنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان. كرىستوفىر سىمىس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2000- ۋە 2001-يىلى ماقۇللىغان «ئادمىرال نەنسې ۋە مەگ دونوۋان تاشقى مۇناسىۋەتلەر قانۇنى» نىڭ ئاپتورى.

مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئوباما ۋە ئاۋۋالقى بۇش ھۆكۈمىتىگە ئاياللارنى تۇغماسلىققا، ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان، باشقىلارنىڭ ئائىلە ھاياتىغا مەجبۇرىي ئارىلاشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئامېرىكا ۋىزىسى بېرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى.

كرىستوفىر سىمىس مۇنداق دېگەن: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بىز ئاجىزلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئايال ۋە بالىلىرىنى ئۇنىڭ زالىم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن قوغدايدىغان مەۋجۇت قانۇنى بار. لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما پائالىيەتچىلەر دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاياللارنى ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش ھەرىكىتى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت