خىتاي دائىرىلىرى «بىر پەرزەنتلىك بولۇش تۈزۈمى» نى يۇمشىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەدەپ يولغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنىدىن باشلاپ خىتايدىكى «بىر پەرزەنتلىك بولۇش تۈزۈمى» نى يۇمشىتىدىغانلىقى، ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزلىرىمۇ يالغۇز پەرزەنت بولغان بولسا ئۇلارنىڭ يەنە بىر بالا تۇغۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ لايىھە بۇ يىل نويابىردا ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلغان. 1980-يىللاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قانلىق ئىجرا قىلىنغان.

بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان جەرياندا قورساقتىكى تۇغۇلاي، دەپ قالغان بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم قاتتىق يۈرگۈزۈلمەكتە.

بۇ قېتىم خىتايدا «يۇمشىتىلغان» پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت