مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

2020-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇر-ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ، 5-مارت كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئاخباراتقا قاراتقان قامالىنىڭ ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خەۋەر ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانىنى قىسقارتىش ھەققىدە بىر قارار چىقارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ بۇ قارارىمىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈش نىشانىغا ئاساسەن ئېلىنغان. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكالىق ۋە باشقا ئەللەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى. ئۇ يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل خەلقئارالىق مۇخبىرلارغا قارىتىلغان تەقىبلەشنى ۋە زوراۋانلىقنى توختىماي كۈچەيتىۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايمىز، بىزمۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى ئالىمىز.» دەپ ئەسكەرتتى.

2-مارت كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى، خىتاي خەلقئارا رادىيوسى قاتارلىق 4 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئامېرىكادىكى خادىملىرىنىڭ 40% نى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت