مايك پومپېيو، «گ-7» دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ۋىرۇسنى ئامېرىكىغا دۆڭگەش ھەرىكىتى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر ئورتاقلىقىغا ئىگە، دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىكى مەسئۇلىيىتىنى ئامېرىكىغا ئارتىپ قويۇش ئۈچۈن يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، «گ-7» دۆلەتلىرى يىغىنىدىمۇ تاجسىمان ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنى داۋام قىلغان شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «گ-7» دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 25-مارت چارشەنبە كۈنى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە بىر سىن يىغىنى چاقىرغان. مايك پومپېيو يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ ھازىر ۋىرۇسنى ئامېرىكانىڭ تارقاتقانلىقىغا دائىر يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە قالايمىقان ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىگە ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن. ئۇ بۇ مەسىلىدە «گ-7» دۆلەتلىرى بولغان ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بۈگۈن ئەتىگەن يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقى ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن. خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە ئامېرىكىغا قارشى سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى تارقىتىش ھەرىكىتى يۈرگۈزمەكتە. بۇ تولىمۇ ھەيران قالارلىق» دېگەن.

يېقىندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى دىپلوماتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەنلىكىدەك بىر سەپسەتىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىغانىدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بولسا 26-مارت پەيشەنبە كۈنىدىكى ئىنكاسىدا مايك پومپېيونىڭ ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىنى تەنقىد قىلغان ۋە شۇنداقلا «پومپېيونىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىنى «يامان غەرەزلىك» دېگەن.

ھالبۇكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىشىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىدەك ئەمەلىيەتتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت