مايك پومپېيو: «خىتاي غەرب دېموكراتىيەسى ۋە قىممەت قارىشىنى ۋەيران قىلىشقا نىيەت باغلىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ غەرب ئىدېئولوگىيەسى، دېموكراتىيەسى ۋە قىممەت قارىشىنى ۋەيران قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئامېرىكالىقلارنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مايك پومپېيونىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايغا قارىتا قىلغان ئېنىق ۋە كەسكىن تەنقىدلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 31-ماي يەكشەنبە كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ مۇخبىرى مارىيا بارتىمورانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتايغا قارىتا ئالغان بەزى قارارلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاي ھەققىدە توختىلىشىدۇر.

مايك پومپېيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، پۈتۈن دۇنيادا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتا «تېخىمۇ زوراۋانلاشماقتىكەن». ئۇ: «ھازىرقى خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ»، «ھازىرقى كومپارتىيە ئۆزىنى غەرب ئىدېئولوگىيەسى، غەرب دېموكراتىيەسى، غەرب قىممەت قارىشىنى ۋەيران قىلىشقا نىيەت باغلىغان كومپارتىيەدۇر. ئۇ ئامېرىكالىقلارنى خەتەرگە ئىتتەرمەكتە» دېگەن.

پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ تەھدىتى ئۇنىڭ ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى دىققەتنى بۇراشقا ئۇرۇنۇشى، خوڭكوڭنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەنمەكتىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ۋە خىتاينىڭ خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنىنى چىقىرىشى سەۋەبلىك خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئورنىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكالىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت