مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قانداق ئاتاش مەسىلىدە باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۇمە
2020-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 21-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 21-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى قانداق ئاتاش مەسىلىسىدە باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات-باياناتلار بارلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوفنىڭ سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقمىزنى ۋە ئۇنى نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىمىزنى باھالاپ بېكىتىپ چىقىمىز. بىز ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› نىڭ ماقۇللىنىشىدا دۆلەت مەجلىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشتۇق. بۇ قانۇن ھەممەيلەننىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى. پرېزىدېنت ئۇنىڭغا ئىمزا قويدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىگە ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. بىز شۇنداق قىلىشىنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز [خىتاينىڭ] ئۇ ھەرىكەتلىرىنى دۇنيادىكى قانۇنىي مىزان ۋە ئۆلچەملەر بويىچە ئىزچىل باھالايمىز.»

ئۇ باياناتىدا يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالدى ۋە شۇنداق قىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىنى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان بۇ ۋەزىيەتكە جىددىي قاراپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

29-ئىيۇن «خىتايغا قارىشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى» ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، كۆپىيىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار باياناتىدا بۇلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» شەكىللەندۈرىدىغان ياكى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇندىن كېيىن بۇ دوكلات خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. بەزى خەۋەرلەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان تىۋىتتېر باياناتىدا ب د ت ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ زوراۋانلىقلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش» كە چاقىرىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت