پومپېيو: «ئامېرىكا شىركەتلىرى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىشكە باشلىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىشكە باشلىقىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مەزكۇر رايون بىلەن بولغان سودىسىنى قايتا ئويلىشىشقا چاقىردى. پومپېيو بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشى بىڭتۇەنى» بىلەن ئۇنىڭ ئىككى رەھبىرىگە ئېمبارگو قويغھانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا تەكىتلىگەن. پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب شىركەتلىرى بىلەن ‹چوڭقۇر ئالاقىسى› بار ئىكەن.»

پومپېيو بىڭتۇەننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭچە، شىركەتلەر جۈملىدىن ئامېرىكادىكى بەزى داڭلىق ماركىلار بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ،» دېگەن. مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئامەركا «فوكىس» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە قالغان «ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىشلار» نى قىلىۋاتقنالىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار» نى ۋە «بۇنىڭ ماركىلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان خىرىسىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىشكە باشلىدى،» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار «پۈتۈن دۇنيادا ئۇزۇن مەزگىل ئەركىنلىككە بولغان تەھدىتلەرنى، بۇ رايوندىكى ھاكىمىيەتنىڭ تەبىئىتىنى تونۇپ يېتەلمەي، يول قويۇشقا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويغان.» مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ئىمبارگوسى «شىنجاڭدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى،» دېگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى سۇن جىنلوڭ بىلەن پەڭ جيارۇيگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويغھانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت