مايك پومپېيو: «خىتاي كومپارتىيەسى غەرب دېموكراتىيەسى يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ ھالقىلىق خەۋپ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسىنى غەرب دېموكراتىيەسى يۈزلىنىۋاتقان «ئەڭ ھالقىلىق خەۋپ» دەپ كۆرسەتتى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 30-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى داۋامىدا قىلغان.

ئۇ سۆزىدە غەرب دېموكراتىك پىرىنسىپلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ ھالقىلىق خەۋپ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. غەربتىكى ئىتتىپاقداشلار چوقۇم كېيىنكى ئەسىرنىڭ غەربنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئىدارە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن ئۇچۇر تېخنىكاسى ساھەسىدە ھەمكارلاشماسلىق، بولۇپمۇ خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكاسىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە تەرەپ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن 5G تېخنىكاسىدا «چەكلىك دائىرىدە» ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە يەنە ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيە بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكاسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت