مايك پومپېيو ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پامپېيو 2‏-يانۋار كۈنى قازاقىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىنى باشلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 3‏-يانۋار كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا قىلغاندەك ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېو: «مەن تۈنۈگۈن قازاقىستاندا قىلغىنىمدەك بۈگۈنمۇ ئۆز-ئارا سۆھبىتىمدە. . . خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش پىلانىم بار،» دېگەن.

مايك پومپېيو 2‏-يانۋار قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۆلىبەردىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، «بارلىق دۆلەتلەرنى ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ باستۇرۇشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن شۇنداقلا قازاق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، مايك پومپېيونىڭ رايوندىكى خىتاينى تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى تەنقىدلەشكە چاقىرىشى بۇ دۆلەتلەرنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف 3‏-يانۋار پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئۇ «بىز چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رايونىمىزغا ئالاقىدار رىقابەتلەر سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ناخۇش سىياسىي ئاقىۋەتلەرنى ھېس قىلىشنى خالىمايمىز،» دېگەن.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېلارغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا سۈكۈت قىلىشى ياكى ئۇنى قوللىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. مايك پومپېيو بۇ زىيارىتىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن «5پىلۇس 1‏» يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت