مايك پومپېيو: «‹دىنىي ئەركىنلىك ئىتتىپاقى› يامانلارغا توسۇق، ئېزىلگەنلەرگە دالدا بولىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۆتكەن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.

«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە 27 دۆلەت «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى» غا ئىمزا قويۇپ، دۇنيا مىقياسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان خىرىستيانلار، مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە بۇددىستلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ: «بۇ ئىتتىپاق دىنىي ئېتىقادقا ھۇجۇم قىلىشنى ئىستەۋاتقان رەزىل ئارتىستلارنى چەكلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا باش-پاناھ بولىدۇ،» دېدى.

يېقىندا ئاركانساس شتاتىدىكى خاردىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇدىرى جېيمىس كار «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» نىڭ كومىتېت ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت