ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا قايتا تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو 11-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا بېرىلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

مايىك پومپېيو سۆزىدە 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي يۇقىرى تېخنولوگىيەنى ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلەتكەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىغان. بۇ ئۇلارنىڭ تارىختىن بىرى دىنىي ئېتىقادلىق ئاممىغا قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلى. بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇيغۇر رايونى مەسىلىسى بۇ ئەسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدىكى بىر داغ ھېسابلىنىدۇ.»

مايك پومپېيو كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىنسانىي ھەق-ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكالىقلارغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم دوكلات ئېلان قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت