مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى «تارىخىي تەھدىت» بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «تارىخىي خاراكتېردىكى تەھدىت» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالدى.

مايك پومپېيو 29-ماي كۈنى «فوكس سودا تورى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىق مەسىلىسىدىن باشقا تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر ئىنسانىي نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ دەل ھازىر بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتقان خىتايدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماۋاتقانلىقى، لاگېرلارغا قامالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز شارائىتتا «مېڭە يۇيۇش» قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا «بۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ھوقۇقى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار بۇ مەھبۇسلارغا غەرب دۇنياسىدا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان شەكىلدە خىتايچە پىكىر قىلىشنى سىڭدۈرمەكچى. بۇ بىر تارىخىي ۋە تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر ھادىسە» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ مۇھىم بولۇشىدىكى بىر سەۋەب قاتارىدا بۇنىڭ كېيىنكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.

مايك پومپېيو خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن «تەھدىت» دېگەندە يەنە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «قورال» بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ شەرھلەپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن چەمبەرچاس مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بولسا ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ: «خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قورال بولۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكادا كۆپلىگەن كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت