مايك پومپېيو ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 3-سېنتەبىر كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى دېيۋىد ساسسولى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇلار سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىكىدىكى جايلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆزلەشكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىمنىڭ باياناتىغا قارىغاندا مايك پومپېيو سۆھبەتتە «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تېخى يېقىندىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە قولغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زور كۆلەملىك مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش سادىر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت