مايك پومپېيو ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ قانداق ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكادىكى بىر ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر مۇساپىرى ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى. مايك پومپېيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەر ئابلىكىم يۈسۈپنى قوبۇل قىلىشنى ياكى ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق بولسىمۇ پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان.

مايك پومپېيو ئۆتكەن جۈمە كۈنى «ئامېرىكا ئۈچۈن ئەندىشىلىك ئاياللار» ناملىق ئاياللار تەشكىلاتنىڭ چۈشلۈك زىياپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالغان. ئۇ، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ «تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھەق-ھوقۇق» ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئىكەنلىكىنى، ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا مىسال تىپىك بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ قاتاردىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك ھالقىلىق بىر مىنۇتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دوخادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قاتار ھۆكۈمىتى بىلەن مۇكەممەل دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيونىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئارقىلىق بۇ ۋەقەنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئابلىكىم يۈسۈپكە ئۆتكۈنچى بولسىمۇ، پاناھلىق جاي ئىزدىگەن. لېكىن، ھېچكىم خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىغان. بۇ دۆلەتلەر ئابلىكىم يۈسۈپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. لېكىن پومپېيو سۆزىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ پەقەت «شۇنىڭ بىلەن بىزگە بىر تاللاش يولى قالدى. بىز شۇ سەۋەبلىك ئۇنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلدۇق» دېگەن. مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بەك دىققەت قوزغىمىغانلىقى، لېكىن بىر سەۋەب تۈپەيلى بۇ ۋەقەنى بۇ سورۇندا تىلغا ئېلىشنى توغرا تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «چۈنكى، بۇ ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن بۈگۈن يېتىپ بارغان نۇقتىسىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. خوتەنلىك ئۇيغۇر مۇساپىرى ئابلىكىم يۈسۈپ بۇ يىل 2-ئاۋغۇست كۈنى دوخا ئايرودرومىدا خەلقئاراغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، 6‏-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت