مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى غايەت زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر.

ۋاشىنگتون بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېگەن. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكادىكى «PBS» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان.

مايك پومپېيو يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ پەقەت غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆزىگە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق (خىلاپ) بىر ھەرىكەتتۇر».

ئۇ مۇخبىرنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ،» دەپ سورىغان سوئالىغا «شى جىنپىڭنىڭ بۇ دۆلەتنى خۇددى تانكا ئەترىتىنىڭ روتا كوماندىرىدەك ياكى بىر كىچىك شىركەتتەك ۋە ياكى سىزنىڭ نامىڭىزدا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلاردا مەسئۇلىيىتى بار بىر دۆلەتتەك باشقۇرۇۋاتىدۇ،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ياكى ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقان كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قارارى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەرساھە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن نارازى بولغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت