پومپېيو: «مەخپىي ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 26‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلىرىگە باھا بېرىپ، بۇ ھۆججەتلەر خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ ھۆججەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى خورلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەلىللەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە» ئىكەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 26‏-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ «ساختا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» 24‏-نويابىر كۈنى ئاشكارىلىغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دە كىملەرنى تۇتقۇن قىلىش، لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كۆرسەتمە، يوليورۇق ۋە ئىستىخبارات دوكلاتلىرى يەر ئالغان.

خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەزكۇر «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. مەزكۇر ھۆججەتكە يەنە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارمۇ ئىنكاس بىلدۈرگەن. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس، خىتاينى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. مايك پومپېيو 26‏-نويابىر كۈنى قىلغان سۆزىدە يەنە بېيجىڭنى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، يېڭى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىكى ئۇچۇرلار مەزكۇر رايوندا «ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ بەردى» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر «ئۇنىڭ تاسادىپىي يۈز بەرمىگەنلىكى، ئۇنىڭ قەستەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت