پرېزىدېنت ترامپ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق‏-دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي 27‏-نويابىر كۈنى «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق‏-دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىدى.

بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى. مەزكۇر قانۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى خوڭكوڭدا ئاپتونومىيەنىڭ ئىجرا قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى كۆزىتىپ، ئەگەر ئاپتونومىيە يېتەرلىك ئىجرا قىلىنمىغان بولسا ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيازىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى شۇنداقلا خوڭكوڭ دائىرىلىرىگە ئېمبارگو قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.

پرېزىدېنت ترامپ 27‏-نويابىر ئاقسارايدا مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويغاندا ئۆزىنىڭ «رەئىس شى جىنپىڭ، خىتاي ۋە خوڭكوڭ خەلقىگە بولغان ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىردەك ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان ئىدى. CNN نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پرېزىدېنت ترامپنىڭ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتى «زوراۋانلىق قىلمىش»، «پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق» ۋە «زوراۋان جىنايەتچىلەرنى ئاشكارا قوللانغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. باياناتتا ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ يولدا داۋاملىق ماڭماسلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب بېرىدىغانلىقى، ئاقىۋەتكە ئامېرىكانىڭ ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرىي برانسىتاتنى چاقىرتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويۇشى خوڭكوڭ دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ خوڭكوڭ دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېرىشكەن سىمۋول خاراكتېرلىك 2‏-زور غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇنىڭ سەل ئالدىدىكى خوڭكوڭ يەرلىك سايلىمىدا دېموكراتلار زور غەلىبىگە ئېرىشكەن ئىدى. خوڭكوڭ نامايىشلىرىدىكى ھالقىلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان جاشۇۋا ۋاڭ BBC غا بەرگەن باياناتىدا مەزكۇر قانۇن «پۈتۈن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پەۋقۇلئاددە زور غەلىبىسى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت