ئاۋسترالىيەدە «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئاۋسترالىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەلگە 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ۋەتەننى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر كۆچۈپ كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆز جامائىتىنى ھاسىل قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ جامائەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولۇپ كەلمەكتىكەن.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياش ئەۋلادلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 2006-يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇ يىللىق «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، مۇسابىقىگە سىدنېي، مېلبورن ۋە ئادېلايدتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىدىن تەشكىللەنگەن 3 كوماندا قاتناشقان. مۇسابىقە 25-دېكابىر كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر  جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلانىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشىنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى مۇھىم بىر سەھىپە بولۇپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت