خىتاي ھۆكۈمىتى ئارسېنالنىڭ پۇتبول چولپىنى مەسئۇد ئۆزىلنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۋېتتىر، ئىنستىگرام، فەيسبۇك ۋە خىتاينىڭ بەيدۇ قاتارلىق تاراتقۇلىرىغا پىكىر يېزىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن گېرمانىيەلىك پۇتبولچى، ئەنگىلىيە ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ چولپىنى مەسئۇد ئۆزىلنى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. مەسئۇد ئۆزىلنىڭ باياناتى خەلقئارا ۋە خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.

خىتاي تېلېۋىزىيە قانىلى ئارسېنال كۇلۇبى بىلەن مانچېستېر كۇلۇبىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئوينىغان مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن بېرىشنى بىكار قىلغان، شۇنداقلا مەسئۇد ئۆزىل خىتاي تورداشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ 16‏-دېكابىر مەسئۇد ئۆزىلنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بەزى ساختا خەۋەرلەر ۋە ناتوغرا سۆزلەر ئۇنىڭ كۆزىنى باغلىۋالغاندەك ھەم خاتا يېتەكلىگەندەك قىلىدۇ. . . . . . . ئۆزىل ئەپەندىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن. گېڭ شۇئاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئەگەر ئۇنىڭدا ۋىجدان بولسىلا توغرا بىلەن خاتانى ئايرىپ، ، ئوبيېكتىپ ۋە تەرەپسىزلىك پرىنسىپلىرىدا تۇرالايدىكەن.».

مەسئۇد ئۆزىل 13‏-دېكابىر ئېلان قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمغا قارشى تىرەجەۋاتقان «مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر توپى»، «شانلىق مۆمىنلەر» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ «شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى، دىنىي ئالىملارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئەركەكلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە خىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەركەكلىرىگە مەجبۇرىي ئۆيلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، لېكىن «مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۈممىتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى» نى تەنقىدلىگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت