كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «دۇنيا كۇلۇبلار پوتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىسى» نىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 27-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 2021‏-يىللىق «دۇنيا كۇلۇبلار پوتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىسى» نىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتكە بېرىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسى مەزكۇر مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان. خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسى بۇ يىل 24‏-ئۆكتەبىر كۈنى شاڭخەيدە يىغىن چاقىرىپ، 2021‏-يىللىق «دۇنيا پوتبۇل كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى» نىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان مەزگىلدە ساھىبخانىلىقنى خىتايغا بېرىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. لېكىن خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھىگىيانى ئىنفەنتىنو ساھىپخانلىقنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى ئاقلىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا ئۇنىڭ يەر شارى ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى مىنكىي ۋوردېن «خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى خىتايغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار ئاشكارىلىغاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، تەن جازاسى، ژۇرنالىستلارنى چەكلەش ۋە شىنجاڭدىكى ‹سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى› دا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل سۇيىئىستېمال دۇنيا كۇلۇبلار پوتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنتەربىيەچىلەرگە، پوتبۇل مەستانىلىرىگە، خىزمەتچى خادىملارغا، ژۇرنالىستلار ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىكەن.»

خەلقئارا پوتبۇل بىرلەشمىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەرىكەت قوزغاپ، 2022‏-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە دۇنيا كۇلۇبلار پوتبۇل مۇسابىقىسىنى شاڭخەيگە بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت