پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىمبارگولارغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىمبارگودىن قورقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك قىرىم «ۋەتەنپەرۋەرلىرى»نى داۋاملىق قوللاشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن مەزكۇر سۆزنى شەنبە كۈنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ يەنە رۇسىيە خەلقىنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە،ئۇلارنى قىيىنچىلىققا چىداشقا چاقىرىق قىلغان ھەمدە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى ئىقتىسادىي ئىمباگوسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ قىرىم بىلەن سودا قىلىشى چەكلەنگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە قىرىمغا ساياھەت قىلىش ئۇيۇشتۇرىدىغان ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەك قويغان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ يېڭى ئىمبارگو مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئىمبارگونى «قىرىم ئاھالىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى جازالاشقا ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتىغان.شۇنىڭدەك يەنە «قىرىمنىڭ رۇسىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىل 3 - ئايدا قىرىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ رۇسىيە ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە شەرقىي ئۇكرائىنائىدىكى ۋەزىيەتلەر سەۋەبلىرى بىلەن رۇسىيەگە قارىتا بىر قانچە قېتىم ئىقتىسادىي ئىمبارگو قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت