پۇتىن ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلات ھەرىكىتىنى چەكلەشكە كىرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شەنبە كۈنى ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس خەلقئارالىق ۋە چەتئەل تەشكىلاتلارنىڭ رۇسىيە تۇپرىقىدا پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇنغا ئىمزا قويدى.

رۇسىيەنىڭ مەزكۇر قانۇنى بويىچە ئالغاندا، «رۇسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشى» مۇمكىن بولغان، رۇسىيە قارشى ئالمايدىغان چەتئەل ۋە ياكى خەلقئارالىق ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويۇلىدىكەن.

قانۇندا مۇنداق ئورۇنلارنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدە تىزىملىتىلىشى، ئەگەردە بۇنى بۇزۇش كۆرۈلسە، مۇنداق تەشكىلاتلار خىزمەتلىرىچىلىرىگە جەرىمانە ۋە 6 يىلغىچە تۈرمە جازاسى بېرىلىشى كۆرسىتىلگەن.

بۇ قانۇن ئەسلىدە 15 - ماي كۈنى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى تەرىپىدىن تەستىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رۇسىيەنى تەنقىد قىلىپ مەزكۇر قانۇننىڭ رۇسىيەدىكى پۇقرالىق جەمئىيەت ھاياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ قانۇن مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەدىكى چەتئەل پۇقرالىرىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى باياناتچىسىمۇ بۇ مەسىلىدە تەنقىدىي پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.

مۇلازھىچىلەر بۇ قانۇننىڭ رۇسىيەدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىكنى باستۇرۇش رولىنى ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت