خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىدە بۇ يىل 5‏-ئايدىن بۇيان ئاز دېگەندە 150 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، 150 دىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ، خىتاي ئاخباراتىدىكى ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلانغان سان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئەمىلى ئادەم بۇنىڭدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق نارازىلىق ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلماسلىق، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قوراللىق تاقابىل تۇرۇپ، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش، قانۇنى تەرتىپكە قاراپ ئولتۇرماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.

دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل قاراتمىلىققا ئىگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە نۇرغۇن ئادەم قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، يۇقىرىقى 150 ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 28‏-ئىيۇل ياركەنت «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىدۇ. دىلشات رىشىت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت