ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق جەڭچى رۈەن شياڭلىن قانۇنسىز ئەرز قىلىش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-04-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۆۋەتتە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە ياشاۋاتقان سابىق ئەسكەر رۈەن شياڭلىن ئۆتكەن ھەپتە قانۇنسىز ئەرز قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرىدە بايان قىلىنىشىچە رۈەن شياڭلىن 1978-يىلى ھەربىي سەپكە قېتىلغان ۋە شۇ يىلى ئىككىنچى ئايدا ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن كۇنمىڭ شەھەرلىك تاش يول ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ بۇ خىزمەتتىن بوشىغاندىن كېيىن ئايلىقىغا 2600 سومدىن ھەربىي ئائىلىلىرى ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن، ئەمما بۇ كۇنمىڭنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە تۇرمۇشتا قىينالغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەربىيلىكتىن قايتقان ۋە تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقان سابىق ئەسكەرلەرنىڭ سانى كۇنمىڭدا 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى باشقۇرۇشىدىن نارازى ئىكەن. بۇ سابىق ئەسكەرلەر 2013-يىلدىن باشلاپ كۆپ قېتىملىق كوللېكتىپ ئەرز سۇنۇپ تۇرمۇش ياردەم پۇللىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ تەلىپى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلگەن ھەمدە بۇ قېتىم قانۇنسىز ئەرز قىلىش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت