فىلىپپىندا قانۇنسىز قۇم كېنى ئاچقان 15 نەپەر خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-08-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىلىپپىن مەتبۇئاتلىرى فىلىپپىندا قانۇنسىز ھالدا قارا قۇم قازغان 15 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ فىلىپپىن ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقە 2-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆزلىرىنى «خۇاشىيا سودا-كان شىركىتى خىزمەتچىسى» دەپ ئاتىۋالغان بۇ 15 نەپەر خىتاي پۇقراسى، ئەينى چاغدا دېڭىز بويىدا ئۆز ئالدىغا قارا قۇم قېزىۋاتقان مەيداندا فىلىپپىن ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ قۇم قېزىش ئەسۋابلىرى مۇسادىرە قىلىنغان.فىلىپپىن دائىرىلىرى يەنە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز ئۆز ئالدىغا قارا قۇم زاپىسى قازغان بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

فىلىپپىن ئەدلىيە مىنىستىرى لىلىمانىڭ 5-ئاۋغۇست كۈنى مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز كان ئاچقاندىن باشقا، ئۇلار يەنە فىلىپپىندا خىزمەت قىلىشقا بولىدىغان ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن.

تولۇق بەت