خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا نوپۇس بالىلار» سىياسىتىنىڭ جايلاردا ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايدىكى «قارا نوپۇسلار» نى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ جايلاردا ئوخشىمايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى باشچىلىقىدا ئېچىلغان بىر يىغىندىن كېيىن ھۆكۈمەت نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما بىر قىسىم ئائىلىلەر مەركىزى ھۆكۈمەت قىلغان ۋەدىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ يەرلىكتە تېخى ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ شىكايەت قىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا 13 مىليون كىشىنىڭ نوپۇسى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايدىكى «بىر پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتى» سەۋەبىدىن نوپۇسقا ئېلىنماي قالغان بالىلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتايدا «قارا نوپۇس بالىلار» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ نوپۇسسىز بالىلار باشقىلاردەك مەكتەپكە بېرىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ساياھەت قىلىشقا ئوخشاش ئەڭ ئاساسىي پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولالمايدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ «پىلاندىن ئارتۇق» تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن نوپۇسقا ئېلىنمىغان بالىلارنىڭ كۆپلۈكى مەلۇم. ئەمما بۇ قېتىملىق نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت