قاراماي ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئانىلار ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىز قارامايدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قارامايدا يىللاردىن بۇيان ئىشسىز قالغان 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئالتە ئايدىن بۇيان ئەرز قىلىش، نامايىش قىلىش ۋە جىم ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان قارامايلىق ئانىلار ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ساقچى دائىرىلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئانىلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى «ئىشنى چوڭايتىۋەتمەسلىك ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق» قا ئاگاھلاندۇرغان.

قارامايدىن ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلىرىمىز ۋە ئۇيغۇربىز تورىنىڭ27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر قارامايدىكى ئەرزدارلارغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتكەندىن باشقا، 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قارامايغا سىرتتىن بىر تۈركۈم ساقچىلار ۋە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت