«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» قارامايدا مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» خىتايدىكى ئەڭ باي شەھەرلەرنىڭ بىرى-قارىمايدا مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەرنى مەزكۇر گېزىتىنىڭ ھازىر قارامايدىكى مۇخبىرى جونا كېسسىل يوللىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي غەربتىكى بۇ قۇرغاق رايوندا نېفىت قېزىۋاتقانغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق قارىمايدا تەڭسىزلىك ۋە مىللىي ئىختىلاپ سەۋەبلىك ۋەزىيەت داۋاملىق ئۆتكۈرلەشمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە، مۇخبىر جونا كېسسېل بىر خىتاي ئايال تاكسىچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ، قارامايدا مىللىي ئىختىلاپنىڭ قانچىلىك كەسكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، قاراماينىڭ تەرەققىياتى خىتاي كۆچمەنلىرىگە زور پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بىراق ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمە ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاياللىرىغا جىلباپ، بۇرقا، ھىجاپنى مەنئى قىلغان. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساقال قويۇشىنى، ئاي يۇلتۇزلۇق مايكىلارنى كىيىشىنى چەكلەپ، ئاممىۋى قاتناش، تاكسى ۋە سودا ئورۇنلىرىدا قانداق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشكە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرگەن. لېكىن بۇ بەلگىلىمە خىتايلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي تاكسىچى ئايالنىڭ «مەن تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنداق كىيىۋالغانلارنى كۆرۈپ قورققانتىم» دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت