قارىقاش ناھىيىسى جاھانباغ يېزىسىدا 6 - 7 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئۆلتۈرۈلگەن

2013-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


23 - ئىيۇن كۈنى خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسى جاھانباغ يېزىسىدا بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، جاھانباغ يېزىسىدىكى بىر ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان 6 - 7 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسى 23 - ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەلىكنىڭ سەۋەبى ۋە قاتىللارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھازىر گۇمان بىلەن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، جاھانباغ يېزىسىدا ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمايدىغان سۆز - چۆچەكلەر تارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىدە، ۋەقەنىڭ شۇ جايدىكى كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان خىتاي خوجايىنلار ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىققان قاتىللىق دېلوسى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىدە بولسا بۇنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرگە بولغان نارازىلىق يۈزىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدىكى شىددەت ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىلاپ يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كېلىشىمۇ دىققەت قوزغايدىغان بىر نوقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت