مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-03-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

27-فېۋرال كۈنى ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد ۋە ھەربىي ھەيۋە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، 28-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى ئۈرۈمچىدە كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىققا ئائىت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاساسلىق نىشان بۇ يىل ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشقا قارىتىلغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مۇقىملىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا «قاتتىق زەربە بېرىش ۋە يۇقىرى بېسىم پوزىتسىيىسىدە باشتىن ‏-ئاخىرى چىڭ تۇرۇش» تەكىتلىنىپ،«تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا زەربە بېرىش»نىڭ ئۈچ خىل شەكلى، يەنى «ئېنىق ئۆلچەم بىلەن زەربە بېرىش»، «تار‏-مار قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش»، «گۇمران قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش» كۆرسىتىلگەن.

مەلۇمكى، ئىلگىرىدىن تارتىپ قاتتىق زەربە بېرىش، «باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش»، «بىخ ھالىتىدە يوقىتىش»دېگەندەك زەربە بېرىش شوئارلىرى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. يىغىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ۋە تەربىيىسى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئۈچ يىللىق قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش ھەم قوغداش ۋە باشقىلار تەكىتلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش يىغىنلاردا قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگىنى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكىنى يوق، ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى خالىمايدۇ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى بولسا زەربە بېرىش نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت