جۇ خەيلۈن يەكەندە يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈن يەكەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە يەكەندە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جۇ خەيلۈن 7-8-مارت كۈنلىرى يەكەنگە بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە «يەكەن تارىخىي ۋە كۆپ خىل رېئال سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ يەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، شۇڭا يەكەندە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى، قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى باشتىن -ئاخىر ساقلاش كېرەك»، دېگەن.

2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، يەكەن قامال ئاستىغا ئېلىنىپ، ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى چەكلەنگەن ئىدى.ھەتتا رايونغا بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ ئېغىر تەقىبگە ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يەكەندە ۋەزىيەت ھېلىھەم جىددىي بولغاچقا ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەگە ئائىت سىر-پەردىلەر ھېلىھەم ئېچىلماي كەلمەكتە. جۇ خەيلۈن يەكەندە قىلغان سۆزىدە يەنە: «قالدۇق كۈچلەرنى قېزىش، تەلتۆكۈس يوقىتىش»نى، ئۇلارغا «قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىتچىت قىلىش» نى، بۇنىڭ ئۈچۈن كوچىلارنى چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ ۋە زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلققە قۇلاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش، جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇ خەيلۈن قاتارلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى يۇقىرى دەرىجىدە چىڭىتىشى، يەنىمۇ ئېغىر نارازىلىق ئاقىۋەتلىرىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت