شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختاتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىۋېتسىيەدىن پاناھلىق سوراپ رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختاتقان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشنى بۇيرۇغان ياۋروپادىكى 2‏-دۆلەتتۇر. ئۆتكەن ئايدا گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيە بۇ يىل 4‏-ئايدا 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا خاتا قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن بۇ قارارنى چىقارغان ئىدى. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قاراپ يۇقىرىقى قارارنى چىقارغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، باياناتتا «بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بەك ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكى» تەكىتلەنگەن. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ قارار يەنە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىكەن».

يېقىندا شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن ئۇنىڭ ئېغىر ئاياق ئايالى ۋە ئىككى بالىسى خىتايغا قايتىپ كەتسە يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىلىش، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. شىۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قايتۇرۇش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئۇلار قايتۇرۇلسا ھاياتى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ قارارى قانچىلىك ئۇيغۇرغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قايتۇرۇلمايدىغانلىقىدىن ئۇنىڭ قايتا سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس سۇنۇش پۇرسىتى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت