قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 14 - ئۆكتەبىر كۈنى بىراقلا ئىككى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ پائالىيىتى ھەققىدە پرېزىدېنتى مەتبۇئات ئورگىنىنىڭ باشلىقى بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى مەتبۇئات ئورگىنى 11 - ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس تۈردە بايانات ئېلان قىلىپ، نازاربايېفنىڭ زۇكامداپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىش تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى ھەققىدە رەسمى ئۇچۇر تارقىتىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۆتكەن ئايدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالغانلىقى ۋە ئارقىدىن ۋاپات بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار پەيدا بولۇپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمى تۈردە ئاشكارىلانغان ئىدى.

نازاربايېفنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار تارقىلىش بىلەن تەڭ پرېزىدېنت مەتبۇئات ئىشخانىسى ئۇنىڭ زۇكامداپ قالغانلىقىنى، ئارقىدىنلا 14 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىپ، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، دۆلەت تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ۋە ئاستانا شەھەر باشلىقى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى مەسىلىسىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

نازاربايېف 1940 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن، ئۇمۇ خۇددى مەرھۇم ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاننى 27 يىل ئىدارە قىلغانغا ئوخشاش 1989 - يىلىدىن ئېتىبارەن قازاقىستاننى ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت